دوستۇم بەخىت سەن بىلەن بولسۇن

作者: 2019年12月27日17:31 浏览:457 收藏 觉得不错,我要 赞赏

،دوستۇم بەخىت سەن بىلەن بولسۇن
.يـۈزۈڭ  دائـىــم كۈلـكىگـە تـولـسـۇن 
،مــەنـدە كەتسۇن زۇلمەت كـېـچىلەر
. گـۈزەل كـۈنلەر سـەن بىلەن بولسۇن 



     ، بەك  سۆيىندىم  سۈرەتلىرىڭدىن  
      . سـۈرەتـتـىـكى  ئۈلـپەتـلىرىڭدىن  
    ،قـىزىـل گۈلـنى  تېپىپسەن  ئاخىر 
   . بـۇ رەھىمسىز  كۈلـپـەتـلىرىڭدىن



، تەڭرى قوشقان بىر جۈپلەر بۈگۈن  
. بـىـر ــ بـىـرىگە بـوپتـۇ قـەلىـبداش 
، قـىسـمەتـلـەرگە سـەبىر تىلىشىپ
. ئىكـكى يۈرەك ئىـككى تەقدىرداش



، خوش بولدۇم سەن ئۈچۈن شۇنچە 
. خۇددى بـۈگۈن تويۇڭ بـولغاندەك 
، چىن سۆيگۈدىن پورەكلەپ غۇنـچە 
. يـولـلىـرىـڭغـا گۈلـلەر  تولـغانـدەك



  ، سېنىڭ  بەختىڭ مېنىڭمۇ  بەختىم 
. شـۇڭـا مـەنـمـۇ خـۇشال يۈرىمەن 
، قــاچــان يـېـتـەر مـۇرادىـغـا دەپ 
. سەندىن بەكرەك خىيال سۈرىمەن 



 ، ياشا دوستۇم مەڭگۈ بەخىتلىك 
 . تەلەي ئامەت سەندىلا بولسۇن 
 ، سەنـلا سۈرگىن ھايات پـەيزىنى 
  . پۈتۈن  ئاپەت مەندىلا تـۇرسۇن 
注释:
2019-11-18 بـېـيـجىـڭ
扫描二维码以在移动设备观看
投诉举报

赞赏记录:

投诉举报

举报原因(必填):
侵权抄袭 违法违禁 色情低俗 血腥暴力 赌博诈骗 广告营销 人身攻击 其他不良信息
请详细阐明具体原因: